پاكىستاندا كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلار سانى 1355 كە يەتتى

پاكىستاندا 14 – ئىيۇندىن بۇيان تەسىر كۆرسىتىۋاتقان كەلكۈن ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 1355 كە يەتتى.

1877248
پاكىستاندا كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلار سانى 1355 كە يەتتى
pakistan sel1.jpg
pakistan sel.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتىدە 481 بالا، 273 ئايال بولۇپ، جەمئىي 1355 كىشى قازا قىلغان، 12 مىڭ 722 كىشى يارىلانغان. 753 مىڭ 187 ھايۋان ھالاك بولغان، 1 مىليون 712 مىڭ 514 ئۆي زىيانغا ئۇچرىغان، بۇلاردىن 564 مىڭ 831 ى پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان. 6 مىڭ 579 كىلومېتىرلىق يول، 246 كۆۋرۈك ۋە 173 ئىش ئورنى يەر بىلەن يەكسان بولغان.

ئىگىلىنىشىچە، 33 مىليون 400 مىڭ كىشى كەلكۈن ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان پاكىستاندا، 634 مىڭ 749 ئادەم چېدىر لاگېرلىرىدا ياشىماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر