ياۋروپا ۋىزىدا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش كېلىشىمىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە پۇقرالىرىغا ۋىزا رەسمىيەتلىرىدە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش كېلىشىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، رەسمىيەت ھەققى تېخىمۇ قىممەت ۋە قاتتىق تەكشۈرۈلىدىغان تۈزۈمنى يولغا قويۇشقا تەييارلانماقتا.

1876699
ياۋروپا ۋىزىدا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش كېلىشىمىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەزاسى يلۋا يوھانسون (Ylva Johansson) ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيە بىلەن ۋىزا رەسمىيەتلىرىدە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش كېلىشىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ: «ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ساياھەتچى بولۇش ئاساسىي ھەق-ھوقۇق ئەمەس. كومىتېتنىڭ تۈنۈگۈن (2022-يىلى 6-سېنتەبىر) رۇسىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئوتتۇرىسىدىكى ۋىزا رەسمىيەتلىرىدە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش كېلىشىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەكلىپىنى قوبۇل قىلدىم. بۇ رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كېلىشىدە ئالاھىدە ئىمتىيازىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن، ۋىزا ھەققى ئەڭ ئاز ئىككى ھەسسە قىممەت ۋە رەسمىيىتى تېخىمۇ قىيىن بولىدۇ. كۆپ قېتىملىق ۋىزىغا تېخىمۇ قاتتىق چەكلىمە قويۇلىدۇ» دېدى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئىشغال ئاستىدىكى رايونلاردا تارقاتقان رۇسىيە پاسپورتىنى ئېتىراپ قىلماسلىق تەكلىپىنىمۇ قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قارارنىڭ تېز ۋە ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ماس ھالدا ئىجرا قىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن قوللانما تەييارلايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ قوللانمىدا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ژۇرنالىستلار، ئۆكتىچىلەر، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئائىلىۋى سەۋەبلەر ئۈچۈن كېلىدىغانلار ئۈچۈن ئىجرا قىلىنىدىغان پىرىنسىپلارنىڭ بەلگىلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇئەييەن كاتېگورىيەدىكى كىشىلەرنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىنى رەت قىلىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدىغالىقىنى، كېلەر ھەپتىنىڭ بېشىدىن تارتىپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە ئىجرا قىلىۋاتقان ۋىزا تۈزۈمىنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىن پولشا بىلەن چېخىيە، رۇسىيە 24-فېۋرال (2022) ئۇكرائىناغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى قوزغاپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا رۇسىيە پۇقرالىرىغا ۋىزا بېرىشنى توختاتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر