ئىسرائىلىيە: سۈرىيەدە يادرو رېئاكتورىنى ۋەيران قىلدۇق

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بۇنىڭدىن 15 يىل ئىلگىرى سۈرىيەدە قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتقان بىر يادرو رېئاكتورىنى ۋەيران قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1876868
ئىسرائىلىيە: سۈرىيەدە يادرو رېئاكتورىنى ۋەيران قىلدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەنىڭ، سۈرىيەگە ئائىت قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتقان بىر يادرو رېئاكتورىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى، ھۇجۇمغا مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات ھۆججەتلىرىنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش چەكلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنىشىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بۇنىڭدىن 15 يىل ئىلگىرى سۈرىيەگە قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىغا مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات ھۆججەتلىرىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش چەكلىمىسىنىڭ تۈنۈگۈن بىكار قىلىنغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، 2007 – يىلى 6 – سېنتەبىر كۈنى، سۈرىيەنىڭ دىر ئەززۇر رايونىدىكى يادرو رېئاكتورىنى ۋەيران قىلدى. ھۇجۇم، ئىسرائىلىيەنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جورج بۇش ھۆكۈمىتى بىلەن كېڭىشىش نەتىجىسىدە ئېلىپ بېرىلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر