لىز ترۇس ئەنگلىيەنىڭ يېڭى ئايال باش ۋەزىرى بولدى

ئەنگلىيەدە ھاكىمىيەت بېشىدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ باشچىلىقىدا سايلانغان لىز ترۇس (Liz Truss) يېڭى باش ۋەزىر بولدى.

1875971
لىز ترۇس ئەنگلىيەنىڭ يېڭى ئايال باش ۋەزىرى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىكى رەھبەرلىك سايلىمى ۋە رەھبەرنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش باسقۇچلىرىغا مەسئۇل ئورگان «1922 كومىتېتى» نىڭ باشلىقى ۋە پارلامېنت ئەزاسى سىر گراھام برادى (Sir Graham Brady) لوندوندىكى ئايال پادىشاھ 2-ئېلىزابېت كونفېرانس مەركىزىدە، پارتىيە ئەزالىرى تاشلىغان ئاۋازنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى.

ئېلان قىلىنغان نەتىجىگە ئاساسلانغاندا، لىز ترۇس 81 مىڭ 326 ئاۋازغا، رەقىبى رىشى سۇناك (Rishi Sunak) 60 مىڭ 399 ئاۋازغا ئېرىشكەن. بۇنىڭ بىلەن، ھاكىمىيەت بېشىدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك رىقابىتىدە غەلبە قىلغان لىز ترۇس، ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، دۆلەتنىڭ يېڭى باش ۋەزىرى بولۇش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن.

سابىق باش ۋەزىر بورىس جونسون ئەتە (2022-يىلى 6-سېنتەبىر) شوتلاندىيەنىڭ بالمورال باغچىسىدا دەم ئېلىۋاتقان ئايال پادىشاھ 2-ئېلىزابېتقا ئىستېپاسىنى سۇنىدۇ. لىز ترۇس بولسا، ئايال پادىشاھدىن يېڭى ھۆكۈمەتنى تەشكىللەش ھوقۇقىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ.

يېڭى باش ۋەزىر لىز ترۇس ئايال پادىشاھ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، لوندونغا قايتىپ كېلىپ، نۇتۇق سۆزلەيدۇ. ئۇنىڭ ئەتە يېڭى كابېنتنى ئېلان قىلىشى كۈتۈلمەكتە.

سابىق باش ۋەزىر بورىس جونسون 7-ئىيۇلدا (2022) ھاكىمىيەت بېشىدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى، باش ۋەزىرلىك ھوقۇقىنى بولسا، يېڭى رەھبەر سايلانغۇچە ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر