ئىراقتىكى شىئە قوراللىقلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

سەدر ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى مۇقتەدا سەدرگە قاراشلىق خەلق ئەسكەرلىرى بىلەن ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ئەسايىب ئەھلىلھەق ھەرىكىتىگە قاراشلىق شىئە قوراللىقلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.

1874659
ئىراقتىكى شىئە قوراللىقلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى بەسرە شەھىرىدە سەدر ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى مۇقتەدا سەدرگە قاراشلىق خەلق ئەسكەرلىرى بىلەن ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ئەسايىب ئەھلىلھەق ھەرىكىتىگە قاراشلىق شىئە قوراللىقلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، بەش كىشى قازا قىلدى.

مەھەللىي مەنبەلەر تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، يېرىم كېچىدە بەسرە شەھەر مەركىزىدە سەدرگە قاراشلىق سەرايا ئەسسالام بىلەن قەيس ئەلھەزەلى رەھبەرلىكىدىكى ئەسايىب ئەھلىلھەق ھەرىكىتى قوراللىقلىرى ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن بولۇپ، توقۇنۇشتا ئەسايىب ئەھلىلھەق ھەرىكىتىنىڭ ئۈچ، سەدرنىڭ سەرايا ئەسسالام ھەرىكىتىدىن ئىككى شىئە قوراللىقى قازا قىلغان.

سەدرغا يېقىن بىر ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدا ھەزەلىنى «خەلق ئەسكەرلىرىنى كوچىدىن يىغىپ ئېلىپ كېتىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى» ئېلان قىلىندى.

ئىران قوللاۋاتقان ھەزەلى بىر چاغلاردا سەدرنىڭ ئوڭ قولى ھېسابلىنىدىغان كىشىلەردىن بىرى ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر