تەيۋەن خىتاينىڭ تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسىنى ئېتىپ چۈشۈردى

تەيۋەن ئارمىيەسى كىنمېن ھەربىي رايونى ئەتراپىدا خىتاينىڭ تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1874714
تەيۋەن خىتاينىڭ تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسىنى ئېتىپ چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەيۋەن (CNA) خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ، كىنمېن دۆلەت مۇداپىئەسى قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسەن خەۋەر قىلىشىچە، چۈش تەرەپلەردە «شى ئارىلى» دا تۇرۇشلۇق ئەسكەرلەر، ھەربىي رايون ئەتراپىدا ئۇچقان نامەلۇم بىر پۇقراۋى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇنى، ئالدى بىلەن ئاگاھلاندۇرغان، ئاندىن ئوق ئېتىپ يىراقلاشتۇرغان.

خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن كونتىرول قىلىنىدىغانلىقى ئايان بولغان تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ، ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قارىماي ئۇچۇشنى داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن، ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن.

ئالدىنقى ھەپتە، بەزى پۇقراۋى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇلارنىڭ، كىنمېنغا ئوخشىغان تەيۋەننىڭ كونتروللۇقىدىكى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىغا يېقىن ئاراللاردىكى ھەربىي رايونلار ۋە ھەربىي نۇقتىلاردا ئۇچۇۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى تارقالغانىدى.

تەيۋەن ئارمىيەسى، ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، پۇقراۋى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىغا قارشى 4 باسقۇچلۇق جاۋاب قايتۇرۇلۇشىنىڭ قارارلاشتۇرۇلغانلىقىنى، ئاۋۋال تىزگىنەكلىك ئۇچقۇلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇلىدىغانلىقى، ئاندىن ئوق چىقىرىپ يىراقلاشتۇرۇلىدىغانلىقى، ئاخىرىدا ئېتىپ چۈشۈرۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

كىنمېن دۆلەت مۇداپىئەسى قوماندانلىق ئىشتابى، ئالدىنقى كۈنىمۇ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن كونتىرول قىلىنىدىغان 2 تىزگىنەكلىك ئۇچقۇنىڭ ئوق چىقىرىلىپ يىراقلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئىگىلىنىشىچە، تەيۋەن تېرروتېرىيەسىنى ئۆزىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى دەپ قارايدىغان خىتاي، «تەيۋەن بوغۇزى» ۋە ئەتراپىدىكى ئاراللارنى ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ساھەسى، دەپ قوبۇل قىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر