رۇسىيەدە «ۋوستوك – 2022» ھەربىي مانېۋىرى باشلاندى

رۇسىيەدە رۇسىيە، خىتاي، ھىندىستان ۋە ئەزەربەيجان قاتارلىق 14 دۆلەتنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا «ۋوستوك – 2022» ھەربىي مانېۋىرى باشلاندى.

1874584
رۇسىيەدە «ۋوستوك – 2022» ھەربىي مانېۋىرى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيەنىڭ 7 كۆپ قۇتۇب رايونى، ئوخوتسك دېڭىزى ۋە ياپون دېڭىزى «شەرقىي دېڭىز» تەۋەلىكىدە باشلانغان، ھەمدە رۇسىيە، خىتاي، ھىندىستان ۋە ئەزەربەيجان قاتارلىق 14 دۆلەتنىڭ ھەربىي ۋە ھەربىي كۆزەتكۈچىلىرى ئىشتىراك قىلغان ھەربىي مانېۋىردىن 50 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر، 140 ئايروپىلان ۋە 60 ئۇرۇش پاراخوتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 مىڭدىن ئارتۇق قورال-ياراغ ۋە ھەربىي ئەسلىھەلەر ئورۇن ئالماقتا ئىكەن.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، رۇسىيە باش ئىشتاب باشقارمىسىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، دۆلەتنىڭ شەرقىي رايونىدا تىنچلىقنى قوغداش ۋە ھەربىي بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە باشلانغان ھەربىي مانېۋىر 7-سېنتەبىرگىچە داۋاملىشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر