باڭلادىش رۇسىيەدىن بۇغداي ئىمپورت قىلىشنى تەستىقلىدى

باڭلادىشنىڭ مال ناھاسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش مەقسىتىدە، رۇسىيەدىن 500 مىڭ توننا بۇغداي ئىمپورت قىلىشنى تەستىقلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1874395
باڭلادىش رۇسىيەدىن بۇغداي ئىمپورت قىلىشنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:باڭلادىش ئىچكى كابېنتىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇل بارىك پايتەخت داككادا ئۆتكۈزۈلگەن مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدا بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەدىن 500 مىڭ توننا بۇغداي ئىمپورت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، باڭلادىشنىڭ رۇسىيەگە بۇغداي پۇلى سۈپىتىدە دوللار بېرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، 1 توننا بۇغداي باھاسىنىڭ 430 ئامېرىكا دوللىرى بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدا ھىندىستان بىلەن ۋىيېتنامدىن 230 مىڭ توننا گۈرۈچ ئىمپورت قىلىشنىڭمۇ تەستىقلانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر