ئۇكرائىنادىن يەنە 3 پاراخوت ئاشلىق يولغا چىقتى

ئاشلىق توشۇش پىلانى دائىرىسىدە، بۈگۈن يەنە 3 پاراخوت ئۇكرائىنادىن يولغا چىقتى.

1872964
ئۇكرائىنادىن يەنە 3 پاراخوت ئاشلىق يولغا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، «ئۇكرائىنا پورتىدا ئاشلىق توشۇش خىزمىتى داۋاملاشماقتا. بۈگۈن ئەتىگەن ئاشلىق قاچىلانغان يەنە 3 پاراخوت ئۇكرائىنا پورتىدىن يولغا چىقتى» دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر