ئامېرىكا لىۋان ئارمىيەسىگە 150 دانە بىرونېۋىك ئىئانە قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قوللاش پىروگراممىسى دائىرىسىدە لىۋان ئارمىيەسىگە 150 دانە بىرونېۋىك ئىئانە قىلدى.

1871961
ئامېرىكا لىۋان ئارمىيەسىگە 150 دانە بىرونېۋىك ئىئانە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋان ئارمىيەسى ئامېرىكا تەرىپىدىن پاراخوت بىلەن بېيرۇت پورتىغا يەتكۈزۈپ بېرىلگەن ھەربىي ياردەم توغرىسىدا تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئامېرىكانىڭ لىۋان ئارمىيەسىنى قوللاش پىروگراممىسى دائىرىسىدە 150 دانە خۇمۋېې تىپلىق بىرونېۋىك ئىئانە قىلغانلىقى، بىرونېۋىكلارنىڭ بېيرۇت پورتىدىكى لىۋان ئارمىيەسى ئارقا بىرىگاداسى تەرىپىدىن تاپشۇرۇپ ئېلىنغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتۈلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئۆكتەبىردە لىۋان ئارمىيەسىگە 67 مىليون دوللارلىق ھەربىي بېرىشنى قارار قىلغانىدى.

ۋاشىنگتون 2005-يىلدىن باشلاپ لىۋان ئارمىيەسىنى 2 مىليارد دوللار ھەربىي ياردەم بىلەن تەمىنلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر