نىگېرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا تېرورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ لاگېرى پاچاقلاپ تاشلاندى ۋە نۇرغۇن تېررورچىلار ئۆلتۈرۈلدى.

1871659
نىگېرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە ھاۋا ئارمىيەسى (NAF) نىڭ باياناتچىسى ئېدۋارد گابكۋېت ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ئارمىيەنىڭ بورنو ئۆلكىسىگە قاراشلىق سامبىسا ئورمىنىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامغا قارشى ھاۋا ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئېدۋارد گابكۋېت ھەرىكەتتە تەشكىلات لاگېرىنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ رەھبىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن تېررورچىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

نىگېرىيەدىكى «بوكو ھارام» تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەبۇ مۇساب ئەل بارناۋى 2009 - يىلى دادىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بوكو ھارامنىڭ باياناتچىسى بولغان ئىدى.

2000 - يىللارنىڭ بېشىدىن بۇيان نىگېرىيەدە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ كەڭ كۆلەملىك زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىدە، 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشى  قازا قىلغان ئىدى.

بوكو ھارامنىڭ ئىچكى قىسمىدا 2016 – يىلى باشلانغان رەھبەرلىك كىرىزىسى، يەنى ئەبۇ مۇساب ئەل بارناۋى بىلەن ئەبۇ بەكرى شەكاۋنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەر، بۇ تەشكىلاتنىڭ بۆلۈنۈشىگە سەۋەب بولغان ئىدى.

ئەبۇ بەكرى شەكاۋ بوكو ھارامغا رەھبەرلىك قىلىۋاتقان پەيتتە، ئەبۇ مۇساب ئەل بارناۋى <ISWAP> تەشكىلاتىنى قۇرۇپ ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر