دەريا قۇرۇپ كېتىپ، دىنازاۋۇرلارنىڭ ئىزلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى

ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبىرى فەيسبۇكتا ئېلان قىلىنغان سۈرەتلەردە، ئامېرىكانىڭ جەنۇبىدىكى قۇرغاق دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان بىر دەريا ئېقىنىدا ئۈچ بارماقلىق ئاياغ ئىزلىرى كۆرسىتىلمەكتە.

1871684
دەريا قۇرۇپ كېتىپ، دىنازاۋۇرلارنىڭ ئىزلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رەسىملەرنىڭ ئىزاھاتىدا «دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن دىنازاۋۇر يوللىرىنىڭ بىرى» دەپ يېزىلدى.

تېكساس باغچىلىرى ۋە ياۋايى ھايۋانلار ئىدارىسىدىن ستېفانې سالىناس گارسىيا قۇرغاچىلىق مۇھىتىنىڭ بۇ ئىزلارنى كۆرىنىغان ھالغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.  

ستېفانې سالىناس گارسىيا: «پەۋقۇلئاددە قۇرغاقچىلىق مۇھىتى سەۋەبىدىن، <دىنازاۋۇر جىلغىسى دۆلەت باغچىسى> دىن ئۆتىدىغان دەريا كۆپىنچە جايلاردا پۈتۈنلەي قۇرۇپ كەتتى. شۇڭا، بۇ يەردىكى باغچىدا تېخىمۇ كۆپ ئىزلارنى تاپقىلى بولىدىغان ئەھۋال شەكىللەندى. نورمال دەريا شارائىتىدا، بۇ يېڭى ئىزلار سۇ ئاستىدا بولغاچقا دائىم لاي بىلەن تولغان بولاتتى. لاي ئۇلارنى كۆمۈپ كۆرۈنمەيدىغان ھالغا كەلتۈرەتتى» دېدى.

يېقىندا بايقالغان بۇ ئىزلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قۇرامىغا يەتكەن ۋە ئېغىرلىقى 7 توننا، ئېگىزلىكى 4.5 مېتىر كېلىدىغان ئاكروكانتوسۇئارۇس ناملىق دىنازاۋۇرلارغا تەۋە ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

باغچىدا يەنە، باشقا بىر دىنازاۋۇر تۈرى بولغان  سائۇروپوسېدونلارنىڭمۇ  ئىزلىرى مەۋجۇت.

مۇتەخەسسىلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، داللاس شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بىر ئىچكى رايونغا جايلاشقان ئۆلكە باغچىسى، ئىلگىرى بىر قەدىمكى ئوكياننىڭ ساھىلى ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر