گۇتېررېس ئىستانبۇلدا ئاشلىق پاراخوتىنى كۆرۈپ قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس ئىستانبۇلدا ئافرىقا مۈڭگۈزىگە ئاشلىق توشۇيدىغان پاراخوتنىڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىدىن چوڭقۇر تەسىرلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.

1870404
گۇتېررېس ئىستانبۇلدا ئاشلىق پاراخوتىنى كۆرۈپ قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گۇتېررېس تىۋىتتېر ھېسابىدا، ئۇكرائىنادىن ئىستانبۇل پورتىغا يېتىپ كەلگەن ۋە ئافرىقىغا ئاشلىق توشۇشنى ساقلاۋاتقان دۇنيا يېمەكلىك پروگراممىسى (WFP) پاراخوتى توغرىسىدا ھېسسىياتلىق ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

گۇتېررېس يېقىندىن بۇيان ئافرىقىدا ئاچارچىلىقنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئىستانبۇلدا ئافرىقا مۈڭگۈزىگە ئاشلىق توشۇيدىغان «Brave Commander» ناملىق پاراخوتنىڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىدىن تولىمۇ تەسىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

گۇتېررېس ئاشلىق ۋە بىر قىسىم ئاساسلىق لازىمەتلىكلەرنىڭ توشۇلۇشىنىڭ ئەر، ئايال ۋە بالىلارنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا زور تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس قارا دېڭىزدىن ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىنى بىخەتەر توشۇش ئۈچۈن ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان بىرلەشمە ماسلاشتۇرۇش مەركىزىگە كېلىپ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى.

«Brave Commander» ناملىق لىۋان بايرىقى ئېسىلغان ئاشلىق پاراخوتى 16 - ئاۋغۇستتا ئودېسسا رايونىنىڭ يۇجنې شەھىرىدىكى پورتتىن يولغا چىققان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر