سومالىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

سومالىنىڭ پايتەختى موگادىشۇدىكى «‹ھايات› مېھمانسارىيى» دا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1870300
سومالىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالى تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈنۈگۈن كەچتە موگادىشۇدىكى «‹ھايات› مېھمانسارىيى» دا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا كەم دېگەندە 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، قازا قىلغانلار ئارىسىدا ئامانلىق ساقلىغۇچىلار ۋە مېھمانساراينىڭ خوجايىنىمۇ بار ئىكەن.

ھۇجۇمدىن كېيىن مېھمانسارايغا بارىدىغان بارلىق يوللار تاقالغان ۋە ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەباب ئۆز ئۈستىگە ئالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر