زېلېنسكىي تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ شەرتىنى تەكىتلىدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىنادىن چېكىنمەي تۇرۇپ، تىنچلىق مۇزاكىرەلىرىنىڭ باشلىنىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

1869845
زېلېنسكىي تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ شەرتىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي لۋىۋ شەھىرىدە تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرس بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مۇھىم باياناتلارنى ئېلان قىلدى.

ئۇ تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ب د ت باش كاتىپىنى كۈتۈۋالغانلىقىدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بولۇپمۇ ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوللىغانلىقلىرى ئۈچۈن باش كاتىپ گۇتېرس ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تەشەككۈر ئېيتىمەن. رۇسىيە ئۇكرائىناغا قارشى تېررورلۇق قىلىۋاتىدۇ، رۇسىيەگە ئىشەنمەيمىز، رۇسىيە ھەر كۈنى شەھەرلىرىمىزگە ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ، تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ باشلىنىشى ئۈچۈن رۇسىيە ئالدى بىلەن ئىشغال قىلىۋالغان زېمىنلىرىمىزدىن چېكىنىشى كېرەك، ئاندىن ئۇنى ئويلىشىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر