دونالد ترامپ <FBI> نىڭ تەكشۈرىشى جەريانىدا پاسپورتلىرىنىڭ ئوغرىلاپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى

ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 8-ئاۋغۇست فلورىدادىكى داچىسىغا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI)  تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بېسىپ كىرىپ تەكشۈرۈشتە پاسپورتلىرىنىڭ ئوغرىلاپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1868404
دونالد ترامپ <FBI> نىڭ تەكشۈرىشى جەريانىدا پاسپورتلىرىنىڭ ئوغرىلاپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ  ئۆزى قۇرغان «ھەقىقىي ئىجتىمائىي» <Truth Social> ناملىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورىدىكى ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا «ۋاھ! مار-لاگوغا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI)  تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بېسىپ كىرىپ تەكشۈرۈشتە مېنىڭ ئۈچ پاسپورتىم (ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ۋاقتى توشقان) ئوغرىلاندى» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

تىرامپ يازمىسىدا بۇ بېسىپ كىرىپ تەكشۈرۈشنىڭ سىياسىي ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بۇ دۆلىتىمىزدە ئىلگىرى مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدىكى سىياسىي رەقىبىگە قىلىنغان ھۇجۇمدۇر. ئۈچىنچى دۇنيا» دېگەن سۆزلەرگە ئالاھىدە ئورۇن ئاجراتتى.

ترامپنىڭ ئامېرىكا پۇقرالىرىغا تارقىتىلىدىغان نورمال قېنىق كۆك پاسپورتى، پىرېزىدېنت بولغاندىن كېيىن ئالغان قىزىل رەڭلىك رەسمىي پاسپورت ۋە قارا رەڭلىك دىپلوماتىك پاسپورتى بولۇشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

تىرامپنىڭ پاسپورتى بولماي تۇرۇپ چەتئەلگە چىقالمايدىغانلىقىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

دونالد ترامپنىڭ فلورىدادىكى مار-لاگو ناملىق داچىسى 8-ئاۋغۇست ئەتىگەندە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI)  خادىملىرى تەرىپىدىن ئاختۇرۇلغان ئىدى.

تىرامپ ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا: «بۇ مىللىتىمىز ئۈچۈن زۈلمەتلىك بىر مەزگىل، بۇنداق ئىش ئىلگىرى ھېچبىر ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ بېشىغا كېلىپ باقمىغان» دېگەن سۆزلىرى ئارقىلىق بېسىپ كىرىپ تەكشۈرۈشكە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

تەخمىنەن 40 ئەتراپىدا <FBI>  خادىملىرىنىڭ 9 سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان تەكشۈرۈشىدە تىرامپنىڭ خۇسۇسي بىخەتەرلىك ساندۇقىنىڭمۇ  ئاختۇرۇلغان بولۇپ، «مار-لاگودىن 10 قۇتا دەلىل-ئىسپات توپلاندى» سەرلەۋھىلىك خەۋەرلەر ئېلان قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر