نىگېرىيەدە گۆرۈگە ئېلىنغان كىشىلەر قۇتقۇزۇلدى

نىگېرىيەنىڭ كادۇنا ئىشتاتىدا قوراللىق قارا گۇرۇھلار تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان 35 كىشى قۇتقۇزۇلدى.

1867746
نىگېرىيەدە گۆرۈگە ئېلىنغان كىشىلەر قۇتقۇزۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە كادۇنا ئىشتاتى ئىچكى ئىشلار كومىسسارى سامۇئېل ئارۇۋان مەزكۇر ئىشتاتنىڭ سابون گېرو رايونىدا قوراللىق كىشىلەرگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ھەربىي ھەرىكەتتە 35 كىچىك بالا ۋە ئايالنىڭ قۇتقۇزۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، نۇرغۇن قارا گۇرۇھ ئەزاسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى، قارا گۇرۇھقا تەۋە نۇرغۇن قورال-ياراغلار، موتوسىكلىتلار ۋە مۇھىم ئوق-دورىلارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

نىگېرىيەدە ئادەم ئەتكەسچىلىكى ياكى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش جىنايىتىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان بولسىمۇ، فىديە تۆلىتىش ئۈچۈن گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋەقەلىرى پات-پات يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.

نىگېرىيەدە كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىگە قارشى كۈرەش رامكىسىدا، فىديە تۆلەش چەكلەنگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر