جەنۇبىي كورېيەدە قارا يامغۇر جانغا زامىن بولدى

جەنۇبىي كورېيەدە پايتەخت سېئۇل ۋە ئەتراپىدىكى رايونلارغا ئېغىر تالاپەت يەتكۈزگەن قارا يامغۇر سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 11 گە يەتتى.

1866469
جەنۇبىي كورېيەدە قارا يامغۇر جانغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹يونخاپ› ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇدا 4 كۈن داۋاملاشقان قارا يامغۇر سەۋەبىدىن كۆپىنچىسى سېئۇلدىن بولۇپ، جەمئىي  3700 دىن ئارتۇق ئۆي سۇ ئاستىدا قالغان.

رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، سېئۇلدا 6، گيوڭگى ئۆلكىسىدە 3، گاڭۋون ئۆلكىسىدە 2 بولۇپ، جەمئىي 11 ئادەم قازا قىلغان.

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 8 كىشىنىڭ تېخىچە ئىز – دېرىكى يوق ئىكەن.

قارا يامغۇر سەۋەبىدىن، كۆپىنچىسى سېئۇلدىن بولۇپ، جەمئىي 548 ئائىلىدىن 980 دىن ئارتۇق كىشى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان، دۆلەت مىقياسىدا 2 مىڭ 42 ئائىلىدىن 4 مىڭ 297 كىشى ۋاقىتلىق تارقاقلاشتۇرۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر