جوسېف ۋۇ، خىتاينىڭ ھەربىي مانېۋىرلىرىنىڭ «بېسىۋېلىش پىلانىنىڭ» تەييارلىقى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوسېف ۋۇ، خىتاينىڭ، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى باشلىقى نەنسى پېلوسىنىڭ زىيارىتىدىن كېيىن ئارالنىڭ ئەتراپىدا ئېلىپ بارغان ھەربىي مانېۋىرلىرىنىڭ «بېسىۋېلىش پىلانىغا تەييارلىق قىلىش»تىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

1865988
جوسېف ۋۇ، خىتاينىڭ ھەربىي مانېۋىرلىرىنىڭ «بېسىۋېلىش پىلانىنىڭ» تەييارلىقى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئالدىنئالا ئېلان قىلىنغان تۆت كۈنلۈك مۇددەتنىڭ توشقان بولۇشىغا قارىماي داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان كەڭ كۆلەملىك مانېۋىرلارنىڭ، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئەڭ قايناق ھاۋا ۋە پاراخوت تىرانسپورتى لىنىيەسىدىكى پائالىيەتلەرنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە خىتاينى «مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى.

بېيجىڭنىڭ پېلوسىنىڭ زىيارىتىنى باھانە قىلىپ «تەيۋەن بوغۇزى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش نىيىتى»نى ئاشكارىلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «خىتاي مانېۋىرلاردىن تەيۋەننى بېسىۋېلىش پىلانىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن پايدىلانماقتا» دېدى.

مانېۋىر جەريانىدا ئارالنىڭ ئەتراپىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا باشقا دۆلەتلەرنى (خىتاينىڭ) تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىشقا ئۇرۇنۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىشتىن ۋاز كەچتۈرۈشكە تىرىشانلىقىنى تىلغا ئالغان مىنىستىر ۋۇ: «زىيارەتكە توسقۇنلۇق قىلىش تاكتىكىسىنىڭ سىناپ كۆرۈلۈشى، خىتاينىڭ تەيۋەندىن ھالقىغان گېئو-ئىستراتېگىيەلىك مۇددىئاسىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.  خىتاينىڭ ھەربىي مانېۋىرلارنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ئاساسلىق مەقسىتى، تەيۋەن بوغۇزى ۋە پۈتكۈل رايوننىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت» دېدى.

ئۇ، ئەركىنلىكنى ياقلىغۇچى بارلىق دۆلەتلەرنى ئىتتىپاقلىشىپ، مۇستەبىتلىكنىڭ تارقىلىشىغا تاقابىل تۇرۇشقا چاقىردى.

بېيجىڭنىڭ كەڭ كۆلەملىك مانېۋىرلار، باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرى، تور ھۇجۇملىرى، تەتۇر تەشۋىقاتلار، ئىقتىسادىي جازا ۋە مەجبۇرلاش سىياسەتلىرى ئارقىلىق تەيۋەن خەلقىنىڭ كەيپىياتىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋۇ: «خىتاينىڭ تەيۋەننى قورقۇتۇشقا ئۇرۇنۇشلىرى بىزنى ئەنسىزلىككە مۇپتىلا قىلمايدۇ ھەم مەغلۇپ قىلالمايدۇ. ھېچكىم تەيۋەندىن ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەنى تارتىۋالالمايدۇ. بۇلار بىزنىڭ DNA مىزغا سىڭىپ كەتكەن قىممەت قاراشلار. تەيۋەن ئۆزىنىڭ ئەركىن ۋە دېموكراتىك تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئاداققىچە قوغدايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئالدىنقى ھەپتە نەنسى پېلوسى ۋە ھەمراھلىقىدىكى بەش كىشىلىك ئامېرىكا پالاتاسى ۋەكىللەرنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى زىيارىتى، ئارالنى ئۆز زېمىنىنىڭ بىر قىسمى دەپ قاراۋاتقان بېيجىڭنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانىدى. خىتاي،  2-ۋە 3-ئاۋغۇستتىكى زىيارەتتىن كېيىن، ئارال ئەتراپىدا ھەربىي مانېۋىر باشلىغان بولۇپ، دەسلەپتە 4-7-ئاۋغۇست كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان مانېۋىرلار، پىلانلانغان مۇددەتتىن ھالقىغان ھالەتتە داۋاملاشتۇرۇلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر