جەنۇبىي كورېيەدە قارا يامغۇر سۇ ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى

جەنۇبىي كورېيەدە ئۆلۈم ھادىسىلىرى بىلەن نەتىجىلەنگەن قارا يامغۇر ئېغىر سۇ ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

1866129
جەنۇبىي كورېيەدە قارا يامغۇر سۇ ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيەنىڭ پايتەختى سېئۇلغا تەسىر كۆرسەتكەن قارا يامغۇر تۈپەيلى ئۆي – ماكانلار، يوللار ۋە مېترو سىستېمىلىرىنى سۇ بېسىپ كەتكەنلىكتىن، بىر قىسىم پۇقرالار ئۆيلىرىدە سۇغا غەرق بولدى، كەم دېگەندە توققۇز ئادەم قازا قىلدى، ئالتە ئادەم يوقاپ كەتتى.

جەنۇبىي كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سېئۇلدا ياغقان قارا يامغۇر 115 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ قاتتىق يامغۇر بولۇپ، دائىرىلەر، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى پۇقرالارنى بۇ رايوندىن ئايرىلىشقا چاقىرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر