بلىنكېن: ئافرىقا ئەللىرىنى ھوقۇقتا باراۋەر ھەمراھلار دەپ قارايمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئافرىقا ئەللىرىنىڭ ھەممىسىنى ھوقۇقتا باراۋەر ھەمراھلار دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1865374
بلىنكېن: ئافرىقا ئەللىرىنى ھوقۇقتا باراۋەر ھەمراھلار دەپ قارايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بلىنكېن، 7 – 8 – ئاۋغۇست كۈنلىرى جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىگە قىلىدىغان زىيارىتى دائىرىسىدە، پرېتوريا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئافرىقا سىياسىتى ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا، دۆلىتىنىڭ ئافرىقاغا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، 54 ئافرىقا دۆلىتىنىڭ ھەممىسىنى ھوقۇقتا باراۋەر ھەمراھ ئەللەر دەپ قارايدۇ.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ناھايىتى مۇھىم ئىستىراتېگىيەلىك كۈچ دەپ قارايدىغانلىقىنى بايان قىلغان بلىنكېن، دۆلىتىنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن ئىقتىساد، كىلىمات، ئېنېرگىيە، دېموكراتىيە ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەلىرىدە ھوقۇقتا باراۋەر ھەمراھ سۈپىتىدە ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، مىنىستىر بلىنكېننىڭ  7-ئاۋغۇست جوھاننىسبۇرگدىن باشلانغان ئافرىقا زىيارىتى، جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ۋە رىۋاندادىن ئىبارەت 3 دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بلىنكېننىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنىڭ ئافرىقا زىيارىتىدىن كېيىنكى ۋاقىتقا توغرا كېلىشى دىققەت قوزغىدىكەن.

ئافرىقا دۆلەتلىرىڭ رۇسىيە – ئۇكرائىنا كىرىزىسىدىكى بىتەرەپ ۋە دىيالوگنى قوللاش مەيدانى، بۇ زىيارەتنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىلىرىدىن بىرىنى تەشكىل قىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر