ئامېرىكادا ئىككى ئۆيدە پارتلاش يۈز بەردى

ئامېرىكانىڭ نېبراسكا ئىشتاتىدا ئىككى ئايرىم ئۆيدە تەڭ بىرلا ۋاقىتتا پارتلاش يۈز بېرىپ، چىققان ئوتتا تۆت كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلدى.

1864080
ئامېرىكادا ئىككى ئۆيدە پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ نېبراسكا ئىشتاتىدا ئىككى ئۆيدە تەڭ بىرلا ۋاقىتتا پارتلاش يۈز بېرىپ ئوت كەتتى. نېبراسكا ساقچى ئىدارىسى پارتلاشنىڭ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇش ئېھتىمالى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا.

جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلمىدى. خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ۋەقەلەرنىڭ بىر-بىرىگە چېتىشلىق ئەمەسلىكىنى ئېيتىشنىڭ «ئىنتايىن قىيىنلىقى» نى ئەسكەرتتى.

پارتلاش يۈز بەرگەن رايوندا كامېرادا كۆرۈنگەن بىر ئاپتوموبىلنى ئىزدەش ئىشلىرىنىڭ باشلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

گۇۋاھچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پارتلاش يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى ئوق ئاۋازلىرى ئاڭلانغان.

پاژارنى خادىملىرى ھەر ئىككى ئۆيدە چىققان ئوتتا بىر خىل ماددا ئىشلىتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، تەڭ بىرلا ۋاقىتتا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ بىر-بىرىگە چېتىشلىق ئوت قويۇپ بېرىش ۋەقەسى ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلىنماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر