تەيۋەن G7 دۆلەت گۇرۇھىغا تەشەككۈر ئېيتتى

تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پېلوسى خانىمنىڭ زىيارىتىدىن كېيىن، بېيجىڭنىڭ ئارال ئەتراپىدا باشلىغان مانېۋىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1864036
تەيۋەن G7 دۆلەت گۇرۇھىغا تەشەككۈر ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن خەلققە خىتاب قىلىپ سۆزلىگەن تېلېۋىزىيە نۇتۇقىدا، خىتاينىڭ تەيۋەن ئەتراپىدىكى خەلقئارا ھاۋا ۋە دېڭىز كارىدورلىرى تەۋەلىكىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشىنىڭ «مەسئۇلىيەتسىزلىك» ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ «رايوندا ھەربىي تەدبىرلەرنى كۈچەيتكەنلىكى» نى بىلدۈردى.

ئۇ: «خىتاينىڭ ھەرىكەتلىرى تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئىگىلىك ھوقۇقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلماقتا» دېدى.

ئۇ تەيۋەننىڭ خىتايغا قارشى جىددىيچىلىكنى ئۇلغايتمايدىغانلىقىنى، بىراق ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتايغا «سالماق ۋە تەمكىنلىك بىلەن ھەرىكەت قىلىش» نى چاقىرىق قىلدى.

ئۇ تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ پورت ۋە ئايرودۇرۇم خىزمەتلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى، پۇل-مۇئامىلە بازارلىرىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنى يولغا قويىدىغانلىقلىرىنى، تەيۋەن ئارمىيەسىنىڭ مانېۋىر رايونلىرىدا ھوشىيارلىق سەۋىيەسىنى ئاشۇرىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ تەيۋەننىڭ رايوندىكى دۆلەتلەر ۋە دۇنيادىكى دېموكراتىك شېرىكلىرى بىلەن ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا تىنچلىقنى قوغداش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «خەلقئارا جەمئىيەتنى تەيۋەننىڭ دېموكراتىيەسىنى قوللاشقا ۋە خىتاينىڭ بىر تەرەپلىمىلىك بىلەن قىلىۋاتقان مەنتىقىسىز ھەرىكەتلىرىگە قارشى چىقىشقا چاقىرىمىز» دېدى.

ئۇ خىتاينىڭ ھەرىكەتلىرىنى تەنقىدلەپ ئورتاق خىتابنامە ئېلان قىلغان G7دۆلەت گۇرۇھىغا، «تەيۋەن بوغۇزىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن» تەشەككۈر ئېيتتى.

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ تۈنۈگۈن (4-ئاۋغۇست) تەيۋەن ئەتراپىدا باشلىغان مانېۋىردا قويۇپ بەرگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ، «تەيۋەن دېڭىز تەۋەلىكى» دەپ قارىلىۋاتقان رايونلارغا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرلىقى نەنسى پېلوسى خانىمنىڭ تەيۋەن زىيارىتىدىن كېيىن، ئارال ئەتراپىدا «بىر قاتار مانېۋىر» لارنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر