ئىراندا سۇ ئاپىتىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېڭى جەسەتلىرى تېپىلدى

ئىراندا پايتەخت تېھران قاتارلىق نۇرغۇن شىددەتلىك ياغقان يامغۇر سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن سۇ ئاپەتلىرىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى، 14 يېڭى جەسەتنىڭ تېپىلىشى بىلەن 90 غا چىقتى.

1863086
ئىراندا سۇ ئاپىتىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېڭى جەسەتلىرى تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئىران قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى پىر ھۈسەيىن كۇلىۋەند ئىرنا (IRNA)خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، سۇ ئاپەتلىرىدە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 90 غا چىققانلىقىنى، سەككىز كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىراننىڭ رەسمىي تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، سۇ ئاپەتلىرىنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان 24 ئىشتاتتا ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى ۋە سۇ ئاپەتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارغا ياردەم قىلىش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر