ناتو تۈركىيەگە تەشەككۈر ئېيتتى

ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ئاشلىق كىرىزىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقى سەۋەبىدىن تۈركىيەگە تەشەككۈر ئېيتتى.

1862133
ناتو تۈركىيەگە تەشەككۈر ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ تۋىتتېر ئادرېسىدا ئۇكرائىنا ئاشلىقىنى يۆتكەش مۇساپىسى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ ئاشلىق بېسىلغان بىرىنچى پاراخوتنىڭ كېلىشىم بويىچە ئودېسا پورتىدىن يولغا چىققانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئىتتىپاقدىشىمىز تۈركىيەگە، مەزكۇر مەسىلىدە مۇھىم رول ئوينىغانلىقى سەۋەبىدىن تەشەككۈر ئېيتىمەن» دېدى.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۈگۈن ئەتىگەن (2022-يىلى 1-ئاۋغۇست) ئۇكرائىنانىڭ ئودېسا پورتىدىن ئاشلىق بېسىلغان بىرىنچى پاراخوتنىڭ يولغا چىققانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

باياناتتا، لىۋاننىڭ تىرىپولى شەھىرىگە بېرىش ئۈچۈن ئودېسادىن قوزغالغان قوناق بېسىلغان «رازونى» ناملىق پاراخوتنىڭ ئەتە (2-ئاۋغۇست) ئىستانبۇلدا بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر