ناتو: كوسوۋۇنىڭ مۇقىملىقى تەھدىتكە ئۇچرىسا مۇداخىلە قىلىشقا تەييارمىز

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو كوسوۋۇنىڭ شىمالىي قىسمىنىڭ مۇقىملىقى تەھدىتكە ئۇچرىسا ھەربىي مۇداخىلە قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1861852
ناتو: كوسوۋۇنىڭ مۇقىملىقى تەھدىتكە ئۇچرىسا مۇداخىلە قىلىشقا تەييارمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، كوسوۋۇنىڭ شىمالىي قىسمىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ جىددىي ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «ناتو باشچىلىقىدىكى كۆپ دۆلەتلىك تىنچلىق ساقلاش قىسمى (KFOR) ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىدۇ، مۇقىملىق تەھدىتكە ئۇچرىسا، ھەربىي ئارىلىشىشقا تەييار.»

كوسوۋۇدا ياشايدىغان سېربلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق كىشىلەرنىڭ بۈگۈندىن باشلاپ كوسوۋۇ كىملىكى ۋە نومۇر تاختىسىغا ساھىب بولۇشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلغاندىن كېيىن، كوسوۋۇدىكى سېربلار تۈنۈگۈن كەچتە كوسوۋۇنىڭ شىمالىدىكى چېگرا ئېغىزلىرىنى تاقىدى.

كوسوۋۇدا ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىندى. دۆلەت ساقچىلىرى بەزى جايلاردا ئوق ئاۋازلىرىنىڭ ئاڭلانغانلىقىنى، ئەمما ھېچكىمنىڭ يارىلانمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كوسوۋۇ ھۆكۈمىتى كېيىنچە بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ بەلگىلىمىنىڭ بىر ئاي كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئىگىلىنىشىچە، سېربىيە، 2008-يىلى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان كوسوۋۇنى ھازىرمۇ «بىزنىڭ زېمىنىمىز» دەپ قارايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر