سومالىدا بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

سومالىنىڭ بائىدوئا شەھىرىدە بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1861449
سومالىدا بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بائىدوئا بىخەتەرلىك ئەمەلدارى، بائىدوئا شەھىرىدە جۈمە نامىزىدىن كېيىنلا بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى؛ ھۇجۇمدا غەربىي جەنۇب ئىشتاتىنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرى ئىبراھىم لۇگبۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، كەم دېگەندە 11 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھازىرغىچە ھېچكىم بۇ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر