پىرېزىدېنت جو بايدىن بىلەن شى جىنپىڭ كۆرۈشتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ تېلېفوندا 2 سائەت 17 مىنۇت كۆرۈشتى.

1861102
پىرېزىدېنت جو بايدىن بىلەن شى جىنپىڭ كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ تېلېفوندا كۆرۈشتى. كۆرۈشۈش 2 سائەت 17 مىنۇت داۋاملاشتى.

جو بايدىن پىرېزىدېنت بولغان 2021-يىلى يانۋاردىن بۇيان شى جىنپىڭ بىلەن 5-قېتىملىقى بولغان بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشتە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەنگە قىلىدىغان زىيارىتى، يېقىندا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا جىددىيلىك پەيدا قىلغان ئىدى.

ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۇچۇر-ئالاقە دىرېكتورى جون كىربى ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، پىرېزىدېنت بايدىن بىلەن شىنىڭ كۆرۈشۈشىدە، خىتاينىڭ تەيۋەنگە قارشى، شۇنداقلا ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى «ئۇرۇشقاق مەيدانى»، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتتىكى جىددىيچىلىكلەر ۋە خىتاينىڭ 24-فېۋرالدىن باشلاپ داۋاملىشىۋاتقان ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ بىر قارارغا كەلمىگەنلىكى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئامېرىكانىڭ خىتايغا قاراتقان تاموژنا باجلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ-قالدۇرمايدىغانلىقى مەسىلىسىنىڭمۇ بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشتە كۈنتەرتىپكە كېلىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا ئىدى.

شى جىنپىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىنغا تەيۋەن مەسىلىسىگە چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىشىنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ: «ئوت بىلەن ئويناشقاننىڭ قولى كۆيىدۇ» دېدى.

خىتاي تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، شى جىنپىڭ خىتاينىڭ تەيۋەن مۇستەقىللىقىغا مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق ھەرىكەتلەرگە، شۇنداقلا ھەر خىل شەكىل ۋە ھەر تۈرلۈك تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى چىقىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

شى جىنپىڭ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئېنىق. ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش، 1.4 مىلياردتىن ئارتۇق خىتايلىقنىڭ ئىرادىسى. خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ئاياق-ئاستى قىلىشقا بولمايدۇ. ئوت بىلەن ئويناشقاننىڭ قولى كۆيىدۇ» دېگەن.

خىتاي رەئىسى شى يەنە، ئامېرىكاغا «بىر خىتاي» پىرىنسىپىغا ۋە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئاساسى بولغان ئۈچ خىتابنامەدە بەرگەن ۋەدىسىگە، ھەرىكىتى ۋە سۆزى بىردەك ھالدا بويسۇنۇشنى چاقىرىق قىلغان.

پىرېزىدېنت بايدىن بىلەن شىنىڭ كۆرۈشۈشى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پېلوسى خانىمنىڭ خىتاي بىلەن ئىگىلىك ھوقۇق ئىختىلاپى بولغان تەيۋەننى زىيارەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلەردە يىرىكچىلىك تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىققان بىر پەيتتە ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر