ئىران يېڭى يادرو تەتقىقات مەركىزى قۇرماقچى ئىكەن

ئىران ئىسفاھاندىكى يادرو مۇئەسسەسىدە يېڭى يادرو تەتقىقات رېئاكتورى ياسىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

1860608
ئىران يېڭى يادرو تەتقىقات مەركىزى قۇرماقچى ئىكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران رەسىمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى — ئىرنا، ئىران ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى رەئىسى مۇھەممەد ئىسلامىنىڭ ئىسفاھان ئۆلكىسىدىكى ئۇران قويۇقلاندۇرۇش مەركىزىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش جەريانىدا سۆز قىلىپ، بۇ جايغا يېڭى يادرو تەتقىقات رېئاكتورى قۇرۇلىدىغانلىقىنى، باشقا رېئاكتورلارنىڭ يېقىلغۇسىنى سىناق قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلىدىغان يېڭى يادرو تەتقىقات رېئاكتورىنىڭ دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ يادرو ئەسلىھەلىرىنىڭ بىرى بولغان ئىسفاھان يادرو تېخنىكا مەركىزىنىڭ ئىچىگە جايلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئىسلامى بۇ تۈرنىڭ «پۈتۈنلەي يەرلىك» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، دۆلىتىنىڭ يادرو پىلانىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن يەرلىك ئىستانسىلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى نىشان قىلغانلىقلىرىنى، بولۇپمۇ دۆلەتنىڭ جەنۇبىدا يېڭى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىغا ماس كېلىدىغان رايونلارنىڭ بارلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتكەن.

ئۇ، دۆلىتىنىڭ يادرو پىلانىنىڭ «پۈتۈنلەي تىنچلىقنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى ۋە خەلق ئىشلىرىدا پايدىلىنىشنى نىشان قىلىدىغانلىقى»نى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر