بلىنكېن ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە رەھبەرلىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1859645
بلىنكېن ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە رەھبەرلىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، بلىنكېن بىلەن ئەلىيېۋنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيەنىڭ رايوندا تىنچلىق ئورنىتىش پۇرسەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مىنىستىر بلىنكېن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رايونلۇق قاتناش ۋە ئۇچۇر - ئالاقە لىنىيەلىرىنىڭ ئېچىلىشى مەسىلىسىدىكى ياردەم تەكلىپىنى تەكرارلىدى، ھەمدە ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئوتتۇرىسىدا تىفلىستا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشقا ئوخشىغان ئىككى تەرەپلىك دىيالوگنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتتى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇزاكىرىلەرنى قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن مىنىستىر بلىنكېن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 1994-يىلدىن باشلاپ ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنسىك گۇرۇپپىسىنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسى بولغانلىقىنى، ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ ئۇزاق مەزگىللىك، كەڭ دائىرىلىك تىنچلىق ئورنىتىشىغا ياردەمچى بولۇش ئۈچۈن ئىككى تەرەپلىك ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ھەمراھلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى. مىنىستىر بلىنكېن، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنى قالغان بارلىق ئەرمېنىيە تۇتقۇنلىرىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.»

نېد پرايس، بلىنكېننىڭ ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدە، پاشىنياننى ئىككى تەرەپلىك دىيالوگنى داۋاملاشتۇرۇشقا تەشۋىق قىلغانلىقىنى، ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ تىفلىستا بىر يەرگە جەم بولۇشىدىن تولىمۇ خۇرسەن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر