ئىسپانىيە بىلەن ئىتالىيەدە ئورمان ئوت ئاپەتلىرىنىڭ زىيىنى ئېغىر بولدى

ئىسپانىيە ۋە ئىتالىيەدە ئورمان ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن ئونمىڭلارچە گېكتارلىق ئورماننىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1858848
ئىسپانىيە بىلەن ئىتالىيەدە ئورمان ئوت ئاپەتلىرىنىڭ زىيىنى ئېغىر بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيە تاراتقۇلىرىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورمان ئوت ئاپەتلىرى ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مەلۇماتلىرىنى ئاساس قىلغان خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ئىسپانىيەدە 2022-يىلنىڭ بېشىدىن تارتىپ 200 مىڭ گېكتارلىق ئورمانغا ئوت كەتكەن.

ئىسپانىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان ئاتلاش ئوكيانىدىكى كاناريا ئاراللىرىدىن تارتىپ تېنېرىفىدە چىققان ئورمان ئوت ئاپەتلىرى داۋاملاشماقتا. تېنېرىفە ئارىلىنىڭ شىمالىدا تەخمىنەن 600 كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى.

ئىتالىيەدە ئورمان ئوت ئاپەتلىرى ئىسپانىيەگە سېلىشتۇرۇلغاندا ئاز بولسىمۇ، ئەمما مۇشۇ يىل (2022) بېشىدىن تارتىپ چىقىۋاتقان ئوت ئاپەتلىرى سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئورمانلىقلار ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى.

ئىتالىيە ئانسا (ANSA) ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2022-يىلى ئىتالىيەدە چىققان 243 ئورمان ئوت ئاپىتىدە 27 مىڭ 883 گېكتارلىق ئورمان زىيانغا ئۇچرىغان.

ئىتالىيەدە ئوخشىمىغان نۇقتىلاردا ئورمان ئوت ئاپەتلىرى داۋاملاشماقتا.

ھەر ئىككى دۆلەتتە يۇقىرى تېمپېراتۇرالىق ھاۋا رايى سەۋەبىدىن بەزى شەھەرلەردە قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى.

ئىسپانىيەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان كادىز ۋە كوردوبادا ھاۋا تېمپېراتۇراسى 45 گىرادۇسقىچە چىقتى. ئىتالىيەدە 19 شەھەردە ھاۋا تېمپېراتۇراسىنىڭ 40 گىرادۇس ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇشى سەۋەبىدىن خەلق ئاممىسى ئاگاھلاندۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر