ئىران: قوشنىدارچىلىق سىياسەتلىرىمىز ئامېرىكانىڭ ئىجازىتىگە باغلىق ئەمەس

ئىران قوشنىدارچىلىق سىياسىتىنىڭ «كەڭ دائىرىلىك بىرلەشمە ھەرىكەت پىلانى كېلىشىمى» ياكى ئامېرىكانىڭ رۇخسىتىگە باغلىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

1858562
ئىران: قوشنىدارچىلىق سىياسەتلىرىمىز ئامېرىكانىڭ ئىجازىتىگە باغلىق ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ناسىر كەنانى تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، تېھران بىلەن موسكۋانىڭ مۇناسىۋىتىنى تەنقىد قىلغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى. ئۇ، ئامېرىكانىڭ ئەكسىچە ئىراننىڭ ھازىرمۇ «كەڭ دائىرىلىك بىرلەشمە ھەرىكەت پىلانى»نىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى، رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق قوشنىلىرى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىش مەسىلسىىدە ۋاشىنگتوننىڭ ئارىسالدا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ئامېرىكانىڭ بۇ پوزىتسىيەسى، ئۇنىڭ ياخشى كېلىشىم ھاسىل قىلىش يولىدىكى زور توسۇقلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى يوشۇرمايدۇ... بىزنىڭ قوشنىدارچىلىق سىياسىتىمىز <كەڭ دائىرىلىك بىرلەشمە ھەرىكەت پىلانى> ياكى ئامېرىكانىڭ رۇخسىتىگە باغلىق ئەمەس» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

19 – ئىيۇل پايتەخت تېھراندا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەن ئىران ئالىي رەھبىرى ئايەتۇللاھ ئەلى خامەنېي، ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمكارلىقنىڭ ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس، 7-ئاينىڭ 20-كۈنى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ: «ئىران نۆۋەتتە باشقا بىر قانچە دۆلەت بىلەن بىرلىكتە تەرەپسىزلىك تونى ئاستىدا (رۇسىيە پىرېزىدېنتى) پۇتىننىڭ ئۇكرائىنا ۋە ئۇكرائىنا خەلقىگە ئاچقان (24-فېۋرالدىكى) ئۇرۇشىنى قوللىماقتا» دېگەنىدى.

ئامېرىكا يېقىندا قولىدا، ئىراننىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ئۈچۈن موسكۋاغا قوراللىق - قورالسىز ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئەۋەتىدىغانلىقى ۋە رۇسىيە ئەسكەرلىرىنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان مەشىقى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى توغرىسىدا ئىستىخبارات (دۆلەت بىخەتەرلىكى) ئۇچۇرى بارلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر