بائېربۇك: رۇسىيەدىن گاز سېتىۋېلىشنى توختىتىش ئىچكى قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىدۇ

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالىنا بائېربوك، رۇسىيەدىن گاز سېتىۋېلىشنى توڭلىتىشنىڭ ئىچكى سىياسىي ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

1858118
بائېربۇك: رۇسىيەدىن گاز سېتىۋېلىشنى توختىتىش ئىچكى قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاننېلېنا بايېربوك RND مېدىيا گۇرۇپپىسىنىڭ بىر پائالىيىتىدىكى سۆزى جەريانىدا، ئۆزىنىڭ شىمالىي ئېقىن 1 تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسىنى ئاسراشقا كېرەكلىك بولغان تۇربىنا توغرىسىدا كانادالىقلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «كانادالىقلار، كانادا ئاممىسى ئىچىدە نۇرغۇن سوئاللارنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. بىز بۇنى چۈشىنىدىغانلىقىمىزنى يەتكۈزدۇق. ئەمما، ئەگەر بىز بۇ گاز تۇربىنىسىنى سېتىۋالالمىساق، گېرمانىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئۇكرائىناغا قەتئىي ياردەم بېرەلمەيمىز، چۈنكى ئۇ چاغدا بىز خەلق ئىسيانلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ قالىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر