رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ كراماتېرسك شەھىرىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى
رۇسىيە ئارمىيەسى ئاتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئۇكرائىنادا كەسكىن ئۇرۇش دونېتسىك ئالدىنقى سېپىگە يېقىن كراماتېرسك شەھىرىگە چۈشۈپ، 6 پۇقرانى يارىلاندۇردى.
1856923
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ئەڭ كەسكىن ئۇرۇش يۈز بېرىۋتقان دونېتسىك ئالدىنقى سېپىدىن 25 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى كراماتېرسك شەھىرىنىڭ مەركىزىگە، رۇسىيە قوراللىق قىسىملىرى ئاتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا چۈشتى.
شەھەر مەركىزىدىكى 4 تۇرالغۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا پارتلىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئەتراپتىكى ئۇل- ئەسلىھە ۋە ئىمارەتلەرگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، پارتلاش نەتىجىسىدە 6 پۇقرانىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
كراماتېرسك ساقچى ئىدارىسى تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى كاپىتان دىمترو موروزوۋ خارابىلىككە ئايلانغان رايوننى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ھۇجۇم ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.