ئامېرىكادا ئىككى ئايروپىلان ھاۋادا سوقۇشۇپ كېتىپ، 4 كىشى قازا قىلدى
ئامېرىكانىڭ (ئامېرىكا لاس ۋىگاس ئايرودورۇمى) دا ئىككى كىچىك ئايروپىلان سوقۇشۇپ كېتىپ، 4 كىشى قازا قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نېۋادا ئىشتاتىغا جايلاشقان لاس ۋىگاس ئايرودورۇمىدا «Piper PA-46» تىپلىق ۋە «Cessna 172» تىپلىق يېنىك ماتورلۇق ئىككى كىچىك ئايروپىلان ھاۋادا سوقۇشۇپ كەتتى.
ۋەقەدىن كېيىن نەق مەيدانغا كۆپ ساندا قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئەۋەتىلدى، دائىرىلەر ۋەقەدە 4 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
فېدېراتسىيە ئاۋىئاتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى (FAA) نىڭ باياناتىدا، «ئىگىلىشىمىزچە، <Piper PA-46> تىپلىق ۋە <Cessna 172> تىپلىق ئايروپىلانلار قونۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان پەيتتە ھاۋادا سوقۇشۇپ كەتكەن. سوقۇلغاندىن كېيىن ئايروپىلان <Piper 30> ئوڭ تەرەپ ئۇچۇش يولىنىڭ شەرقىدىكى ئوچۇق يەرگە چۈشۈپ كەتكەن» دېيىلدى.
ۋەقە ھەققىدىكى تەكشۈرۈشلەر داۋاملاشماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيەلىكلەر باشقا دۆلەتلەرگە چىقىپ كېتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
2024-يىلنىڭ دەسلەپكى 7 ئېيىدا 40 مىڭ ئىسرائىلىيەلىك دۆلەتنى تەرك ئەتتى.