مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي ۋە ئەمىنە ئەردوغان 15-ئىيۇل ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي 2016-يىلى 15 – ئىيۇلدىكى خائىنلارچە سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدە شېھىت بولغانلارنى ئاللاھتىن رەھمەت تېلەش ۋە غازىلارنى مىننەتدارلىق بىلەن خاتىرىلىدى.

1855418
مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي ۋە ئەمىنە ئەردوغان 15-ئىيۇل ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى
emine erdogan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  فۇئات ئوكتاي ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، «<بىز شەرىپىمىز بىلەن ئۆلىمىز!> دەيدىغان بىر مىللەتنى كىم تىز پۈكتۈرەلىسۇن؟ 15 – ئىيۇلدىكى خائىنلارچە سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدە جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ رەھبەرلىكى ۋە مىللىتىمىزنىڭ ئىرادىسى  سايىسىدا بۇ پەسكەش ھۇجۇمنى توسۇپ قالغان ئەزىز شېھىتلىرىمىزنى ئاللاھتىن رەھمەت تېلەش بىلەن خاتىرىلەيمىز. قەھرىمان غازىلىرىمىزغا مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئايالى ئەمىنە ئەردوغانمۇ فەتۇللاھچى تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15 - ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ 6 - يىللىقى شۇنداقلا دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، 15 - ئىيۇلدا يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ئەر-ئايال ھەر بىر پۇقرانىڭ بىر يۈرەك بولۇپ، قايتىدىن تېرىلىشنىڭ سىمۋولىنى ياراتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «تارىخقا ئويۇلغان 15-ئىيۇل داستانى ئەنە شۇلارنىڭ ئىرادىسى ۋە جاسارىتى بىلەن يېزىلدى» دېدى.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ  15 - ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش كېچىسى، تۈركىيە خەلقى تارىختا مىسلىسىز بىر قارشىلىق كۆرسىتىش ئۈلگىسىنى يارىتىپ، دۆلىتىنىڭ مۇستەقىللىقىغا ۋە كەلگۈسىگە يەنە بىر قېتىم ئىگە چىققان ئىدى. تۈركىيەنىڭ ئۇ زۇلمەتلىك كېچىدىن يورۇقلۇققا چىقىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان پۇقرالار، ساقچىلار ۋە ئەسكەرلەردىن 150 نەپىرى پايتەخت ئەنقەرەدە، 99  نەپىرى ئىستانبۇلدا شېھىت بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر