ئامېرىكانىڭ ھۇجۇمىدا دائېشنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى 5 چوڭ رەھبىرىدىن  ئىككىسى ئۆلدى

ئامېرىكا مەركىزى ئارمىيە قوماندانلىق ئورگىنى (CENTCOM)  12 - ئىيۇلدا سۈرىيەدە ئېلىپ بارغان ھۇجۇمدا يارىلانغان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىدىن بىرسى ماھنال ئەل ئاگالنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1855161
ئامېرىكانىڭ ھۇجۇمىدا دائېشنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى 5 چوڭ رەھبىرىدىن  ئىككىسى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەركىزى ئارمىيە قوماندانلىق ئورگىنى (CENTCOM)  تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدا 12-ئىيۇلدا ئېلىپ بېرىلغان ۋە دائېشنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى 5 چوڭ رەھبىرىدىن  بىرسى بولغان ماھەر ئەل ئاگالنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى شۇنداقلا ھۇجۇمدىن يارىلانغان ھالدا ئامان قالغان ماھنال ئەل ئاگالنىڭمۇ قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا دائېش كاتتىۋىشىنىڭ يارىلانغاندىن كېيىن قەيەردە داۋالانغانلىقى ياكى قانداق قازا قىلغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىدى.

ئامېرىكا مەركىزى ئارمىيە قوماندانلىق ئورگىنى (CENTCOM)  12 - ئىيۇلدا سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، دائېشنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىدىن ماھېر ئەل ئاگالنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر