سىرى لانكا پىرېزىدېنتى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

سىرى لانكا پىرېزىدېنتى گوتابايا راجاپاكسا 13 – ئىيۇل كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1854141
سىرى لانكا پىرېزىدېنتى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر ئىقتىسادىي كىرىزىسقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سىرى لانكادا، باش مىنىستىر رانىل ۋىكرېمېشىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ، بىر نەچچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، نامايىشچىلار باش مىنىستىرنىڭ تۇرالغۇسىغا كىرىپ، بىناغا ئوت قويۇپ بەردى.

سىرى لانكانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مىڭلىغان نامايىشچىلار، نامايىشلار سەۋەبىدىن كەچتە كوچىغا چىقىش چەكلىمىسى ئېلان قىلىنغان، كېيىنچە بىكار قىلىنغان پايتەخت كولومبودا، قارا بايراق كۆتۈرگەن ھالدا بىر يەرگە جەم بولدى.

سىرى لانكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۆكۈمەتكە قارشى يۈزلىگەن نامايىشچىلار، پىرېزىدېنت گوتابايا راجاپاكسانىڭ رەسمىي تۇرالغۇسى ۋە ئىشخانىسى جايلاشقان قورۇ ئەتراپىدىكى توساقلارنى بۆسۈپ ئۆتكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، سىرى لانكا پىرېزىدېنتى گوتابايا راجاپاكسا، 13 – ئىيۇل كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر