جەنۇبىي ئافرىقادا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇم ئونلارچە كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ جوھاننىسبۇرگ شەھىرىدىكى بىر كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا كەم دېگەندە 14 ئادەم قازا قىلدى.

1854159
جەنۇبىي ئافرىقادا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇم ئونلارچە كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جوھاننىسبۇرگ شەھىرىنىڭ سوۋېتو ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن ۋەقەدە، 14 كىشى قازا قىلغان، يارىلانغان 9 كىشى دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ساقچىلار نەق مەيداندا داۋاملىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر