ئىسرائىلىيەنىڭ ئەرەب - ئىسرائىلىيە ئۇرۇشىدا مسىىر ئەسكەرلىرىنى تىرىك پېتى كۆيدۈرگەنلىكى ئاشكارىلاندى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 1967 - يىلدىكى ئەرەب – ئىسرائىلىيە ئۇرۇشى جەريانىدا مىسىرنىڭ 20 ئەسكىرىنى تىرىك ھالەتتە كۆيدۈرگەندىن كېيىن كۆمۈۋەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

1853680
ئىسرائىلىيەنىڭ ئەرەب - ئىسرائىلىيە ئۇرۇشىدا مسىىر ئەسكەرلىرىنى تىرىك پېتى كۆيدۈرگەنلىكى ئاشكارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەلىك ژۇرنالىست ۋە يازغۇچى يوسى مېلمان، بۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئۆزىنىڭ تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا پاش قىلدى؛ ئىسرائىلىيەدە چىقىدىغان «يەدىئوت ئاخرونوت» گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى مېلمان، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 1967-يىلدىكى ئەرەب – ئىسرائىلىيە ئۇرۇشىدا مەزگىلىدە مىسىرنىڭ 20 ئەسكىرىنى تىرىك كۆيدۈرۈپ، قۇددۇسنىڭ غەربىگە جايلاشقان لاترۇن شەھىرىدىكى بىر ئاممىۋى قەبرىستانلىققا كۆمۈۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئارىدىن 55 يىل ئۆتكەندىن كېيىن مەزكۇر ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك <مەخپىي تۇتۇش بەلگىلىمىسى> نى بىكار قىلىشى بىلەن ھەقىقەتنىڭ ئاشكارىلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر