جونسون زېلېنىسكىيغا «سەن بىر قەھرىمانسەن» دېدى

ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىينى «سەن بىر قەھرىمان» دېدى.

1853693
جونسون زېلېنىسكىيغا «سەن بىر قەھرىمانسەن» دېدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك  قاتلىمىدىكىلەر ئارقا – ئارقىدىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، تۈنۈگۈن ئۆزىمۇ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان باش ۋەزىر بورىس جونسون ۋىلادىمىر زېلېنسكىي بىلەن تېلېفونلاشتى.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرلىك مەھكىمىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، جونسوننىڭ تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا دۆلىتىنىڭ ئۇكرائىنانى قەتئىي تەۋرەنمەستىن قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەنلىكىنى، زۆرۈر تېپىلغان ئەنگلىيەنىڭ ئۇكرائىناغا مۇداپىئە ياردىمى بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «باش ۋەزىر ئالدىمىزدىكى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئاشلىق مۇھاسىرىسىنى بىكار قىلىش ئۈچۈن، شېرىكلەر بىلەن ئوخشاش سۈرئەتتە ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى. پىرېزىدېنت زېلېنسكىيغا ئەركىنلىكنى، دوستلۇقى ۋە ئۇكرائىنا خەلقى ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى» دېگەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، ئەنگلىيە باش ۋەزىرىنىڭ تېلېفون سۆھبىتىنىڭ ئاخىرىدا ۋىلادىمىر زېلېنسكىيغا «سەن بىر قەھرىمانسەن، ھەممە سېنى ياخشى كۆرىدۇ» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر