پېسكوۋ رۇسىيە ئاشلىقىنىڭ دۇنيا بازىرىغا چىقىدىغان يولىدا توسالغۇلارنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ، رۇسىيە ئاشلىقىغا بولغان ئېھتىياج ئىنتايىن يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دۇنيا بازىرىغا سېلىنىشىنىڭ ئالدىدا نۇرغۇن توسالغۇلارنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1852887
پېسكوۋ رۇسىيە ئاشلىقىنىڭ دۇنيا بازىرىغا چىقىدىغان يولىدا توسالغۇلارنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىمىترىي پېسكوۋ مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئاشلىقنى دۇنيا بازىرىغا چىقىرىش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، مۇناسىۋەتلىك شىركەتلەر بىلەن نۆۋەتتىكى شارائىتنى نەزەردە تۇتۇپ ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ھازىرقى ئەھۋالغا شارائىتنى نەزەردە تۇتۇپ باھا بېرىدىغان بولساق، بىزنىڭ ئاشلىقىمىزغا بولغان ئېھتىياج ئىنتايىن يۇقىرى. ئەمما ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان دۇنيا بازىرىغا بېرىش يولىدا نۇرغۇن توسالغۇلار بار» دېدى.

ئۇ، بۇ توسالغۇلارنىڭ «ئالدى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى يولغا قويغان قانۇنسىز جازا ۋە چەكلىمىلەر سەۋەبىدىن» ئوتتۇرىغا چىققانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.

دىمىترىي پېسكوۋ، ئاشلىقنى ئۇكرائىنا پورتلىرىدىكى قۇرۇق يۈك پاراخوتلىرىدىن پايدىلىنىپ يۆتكەش توغرىسىدىكى سۆھبەتلەر ۋە رۇسىيەنىڭ بۇ جەھەتتە ئوينايدىغان رولى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇنىڭ تۈنۈگۈن مەزكۇر پاراخوتلارنىڭ چېگرادىن چىقىشى ئۈچۈن ئىككى كارىدور ئېچىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات بەرگەنلىكىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا جاۋاب بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر