يەمەندە پارتلاش يۈز بەردى
يەمەننىڭ ئەبيان ئۆلكىسىدىكى بىر قورال ئامبىرىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، ئالتە ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 30 ئادەم يارىلاندى.
1852180
![يەمەندە پارتلاش يۈز بەردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/2106/3d65/db79/56c4745ff1634.jpg?time=1722046127)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەبيان ئاھالىسى، ئەبيەننىڭ لەۋدەر شەھىرىدىكى بىر قورال سودىگىرىنىڭ ئۈچ قەۋەتلىك بىنادىكى ئىسكىلاتىدا پارتلاش يۈز بەرگەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ساغلاملىق مەنبەلىرى، پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان ئىسكىلاتنىڭ قالدۇقلىرى ئىچىدىن ئالتە ئادەمنىڭ جەسىتىنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى، 30 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى؛ يارىلانغانلاردىن بەزىلىرىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.