ئارگېنتىنانىڭ ئىقتىساد مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى

ئارگېنتىنانىڭ ئىقتىساد مىنىستىرى مارتىن گۇزمان مۇئاۋىن پىرېزىدېنت كىرىستىنا كىرچنېرنىڭ ئۇنىڭغا قاراتقان تەنقىدلىرىدىن كېيىن، ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1851175
ئارگېنتىنانىڭ ئىقتىساد مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گۇزمان تىۋىتتېر ھېسابىدىكى يازمىسىدا، ئۆزىنىڭ ئىستىپا مەكتۇبىنى پىرېزىدېنت ئالبېرتو فېرناندېزغا تاپشۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

گۇزمان ھۆكۈمەتتە سىياسى قوللاشقا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «ئارگېنتىنا مېڭىشى كېرەكلىك يول توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرىمغا بولغان چوڭقۇر ئىشەنچ ۋە ئەقىدەم بىلەن تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئەركىن ۋە تېخىمۇ ھوقۇقلۇق بىر  ۋەتەن بەرپا قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىشنى ۋە رول ئېلىشنى داۋاملاشتۇرىمەن» دېدى.

مۇئاۋىن پىرېزىدېنت كىرچنېر تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، مىنىستىر گۇزماننىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتىن رازى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

2019-يىلى 12-ئايدىن بېرى ئىقتىساد مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان گۇزمان، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بىلەن ئارگېنتىنا ئوتتۇرىسىدا 28 – يانۋاردا تۈزۈلگەن  كېلىشىمنىڭ سۆھبىتىگە رەھبەرلىك قىلغان ئىدى.

ھۆكۈمەتنىڭ سولچى شېرىكلىرى گۇزماننى «بەك كۆپ ئېتىبار بېرىۋەتتى»  دەپ ئەيىبلەپ، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى  بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمنى شۇنداقلا مىنىستىر  گۇزماننى تەنقىد قىلغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر