ئاسسانجنىڭ ئادۋوكاتلىرى يۇقىرى سوتقا نارازىلىق ئەرزى سۇندى

ۋىكىلېكس تور بېتىنىڭ قۇرغۇچىسى جۇلىئان ئاسسانج ئامېرىكاغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قارارىدىن كېيىن ئالىي سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى سۇندى.

1851012
ئاسسانجنىڭ ئادۋوكاتلىرى يۇقىرى سوتقا نارازىلىق ئەرزى سۇندى
assange.jpg
londra assange protesto.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 6-ئاينىڭ 17-كۈنى ئەنگلىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى پرىتى پاتېل ئاسسانجنى ئامېرىكىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش بۇيرۇقىغا ئىمزا قويغاندىن كېيىن، ئاسسانجنىڭ ئادۋوكاتلىرىدىن گارېت پېيرس تۈنۈگۈن لوندون ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئىككى ئايرىم نارازىلىق ئەرزى سۇنغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ئەمما، ئۇ ئەرزنامىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

سوت مەھكىمىسى نارازىلىق ئەرزىگە قاراپ چىقىشنى تەستىقلىغاندىن كېيىن، سوتنىڭ يەنە بىر قانچە ئاي داۋاملىشىش ئېھتىمالى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بۇ جەرياندا، ئەنگلىيەنىڭ ئاسسانجنى ئامېرىكا ئۆتكۈزۈپ قارارىغا قارشى پايتەخت لوندوندا ئاپتوبۇس بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى؛ پايتەختنىڭ سىمۋوللۇق نەرسىلىرىنىڭ بىرى بولغان كونا قىزىل ئاپتوبۇسقا «ئاسسانجقا ئەركىنلىك»، «ئاخباراتچىلىق جىنايەت ئەمەس» ۋە «ئاسسانجنى ئۆتكۈزۈپ بەرمەڭلار» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلار ئېسىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر