ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ «يىلان ئارىلى»دىن ئۆزلۈكىدىن چېكىنگەنلىكى توغرىسىدىكى باياناتىنى رەت قىلدى

ئۇكرائىنا تەرەپ، «رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ قارا دېڭىزدىكى يىلان ئارىلىدىن ئۆزلۈكىدىن چېكىنىپ چىققانلىقى» توغرىسىدىكى باياناتىنىڭ «يالغان»لىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1850630
ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ «يىلان ئارىلى»دىن ئۆزلۈكىدىن چېكىنگەنلىكى توغرىسىدىكى باياناتىنى رەت قىلدى

تۈركىيە  ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئىشخانىسى باشلىقى ئاندرېي يېرماك تېلېگرامما سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا تارقاتقان باياناتىدا، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ «رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ قارا دېڭىزدىكى يىلان ئارىلىدىن ئۆزلۈكىدىن چېكىنىپ چىققانلىقى» توغرىسىدىكى باياناتىنىڭ «يالغان»لىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «يىلان ئارىلىدا ھازىر رۇسلار يوق. ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىملىرى مۇكەممەل ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنى قوغلاپ چىقاردى» دېدى.

ئۇكرائىنا ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى ۋالېرىي زالۇجنىيمۇ، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇملىرىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ يىلان ئارىلىدىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ جەنۇب قىسىملىرىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى باياناتىدا، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەربىي ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە رۇسلارنىڭ ئىككى تېز سۈرئەتلىك كېمىگە ئولتۇرۇپ يىلان ئارىلىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا بولسا، يىلان ئارىلىدىكى ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىغان رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ ياخشى نىيەتنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە ئۇ يەردىن چېكىندۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر