لىندسېي گراخام بايدىننىڭ تۈركىيەگە F-16 سېتىپ بېرىش قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى كېڭەش پالاتا ئەزاسى لىندسېي گىراخام، ئامېرىكانىڭ تۈركىيەگە F-16 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى سېتىپ بېرىش قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1850036
لىندسېي گراخام بايدىننىڭ تۈركىيەگە F-16 سېتىپ بېرىش قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى كېڭەش پالاتا ئەزاسى لىندسېي گىراخام ئۆزىنىڭ تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا، F-16 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ تۈركىيەگە سېتىلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «مەن (پىرېزىدېنت جو) بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ناتودىكى (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى) مۇھىم ئىتتىپاقدىشىمىز تۈركىيەگە F-16 (ئۇرۇش ئايروپىلانى) سېتىپ بېرىش قارارىغا ئىجابىي قارايمەن» دېدى.

ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى پىكىر ئوخشىماسلىقلىرىغا قارىماي، تۈركىيەنىڭ مۇھىم ناتو ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان گراخام، «بۇ ئەھۋال تۈركىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىدۇ... ھەمدە تۈركىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە ئىقتىدارىنى يېڭىلاش، تۈركىيەنىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ، ناتونىڭ شۇنداقلا رايوننىڭ بىخەتەرلىككە پايدىلىق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.  

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى سېلېستى ۋاللاندېر، تۈركىيەنىڭ يېڭى F-16 تىپلىق ئايروپىلانلارنى سېتىۋېلىش ۋە ھازىرقى F-16 تىپلىق ئايروپىلانلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەلىپى ئۈستىدە توختىلىپ، «ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ F-16 فىلوتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش پىلانىنى تولۇق قوللايدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر