لاۋروۋ قارارلارنى زېلېنىسكىي ئەمەس، ئامېرىكانىڭ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىينىڭ ئورنىدا قارارلارنى چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1849546
لاۋروۋ قارارلارنى زېلېنىسكىي ئەمەس، ئامېرىكانىڭ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كاسپىي دېڭىزى دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن تۈركمەنىستاننىڭ پايتەختى ئاشخاباتقا بارغان سېرگېي لاۋروۋ، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، غەرب دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ «رۇسىيەنىڭ شەرتلىرىگە ئاساسەن ئۇكرائىنادا تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولمايدۇ» دەپ بايانات بەرگەنلىكىنى ھەمدە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا قورال ئەۋەتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ، غەربنىڭ بۇ يۆنىلىشتىكى پوزىتسىيەسىنىڭ «ئۈنۈمسىز» ۋە «زىيانلىق» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «غەرب دۆلەتلىرى ئۇكرائىناغا قانچە كۆپ قورال ئەۋەتسە، بۇ توقۇنۇش ۋە قوللاشقا ئېرىشىۋاتقان ناتسىست ھاكىمىيەتنىڭ كۈرىشى شۇنچە ئۇزۇن داۋاملىشىدۇ» دېدى.

لاۋروۋ، «زېلېنسكىي شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتونىڭ قوللىشىدىن ئۈمىدۋارمۇ؟» دېگەن سوئالغا «زېلېنسكىينىڭ نېمىلەرنى ئويلىغانلىقى ۋە نېمىلەرنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى پەقەتلا مۇھىم ئەمەس. چۈنكى، ئۇ قارار چىقارغۇچى ئەمەس. قارار ۋاشىنگتوندا چىقىرىلىدۇ. بۇ قارارلار ھەتتا پىرېزىدېنتلىق دەرىجىسىدىمۇ چىقىرىلمايدۇ. ئۇلارنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىملىرى چىقىرىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

ھىندونېزىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا چاقىرىلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا زېلېنسكىينىڭ قاتنىشىش ئېھتىماللىقى توغرىسىدا توختالغان لاۋروۋ: «نۆۋەتتە ھېچقانداق يىغىن زېلېنسكىيسىز ئۆتكۈزۈلمەيدۇ. ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى بۇ ئىشلاردا چىڭ تۇرماقتا. بىز زېلېنسكىينىڭ بالى ئارىلىدىكى ئۇچرىشىشنىڭ بىر بولۇڭىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ – يۈرمەسىلىكىگە كۆڭۈل بۆلمەيمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر