ئىيوردانىيەنىڭ ئەقەبە پورتىدا زەھەرلىك گاز تارقاپ كېتىپ 12 كىشى قازا قىلدى

ئىيوردانىيەنىڭ ئەقەبە پورتىدا يۈك قاچىلاش جەريانىدا باكنىڭ پارتىلىشى سەۋەبىدىن زەھەرلىك گاز تارقاپ كېتىپ 12 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە 260 كىشى يارىلاندى.

1848944
ئىيوردانىيەنىڭ ئەقەبە پورتىدا زەھەرلىك گاز تارقاپ كېتىپ 12 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىيوردانىيە دۆلەتلىك بىخەتەرلىك ۋە كرىزىسنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئەقەبە پورتىدا ئىچىدە زەھەرلىك گاز بولغان بىر باك ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ پارتلىشى نەتىجىسىدە، گاز ئەتراپقا تارقاپ كەتكەن.

باياناتتا، ئىيوردانىيەلىك ۋە چەتئەللىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 كىشىنىڭ ھادىسىدە قازا قىلغانلىقى، 260 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ۋە 123 كىشىنىڭ دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پورتتا گاز تارقاپ كەتكەندىن كېيىن، خەلق مۇداپىئە قىسمىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان خەتەرلىك بۇيۇم مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ نەق مەيداندا كېرەكلىك تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارغانلىقى، پارتلاشتىن كېيىن رايوننىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر