رۇسىيە پىرېزىدېنت بايدىننىڭ ئايالى ۋە قىزىغا ئېمبارگو يۈرگۈزدى

رۇسىيە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ ئايالى ۋە قىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 25 ئامېرىكا پۇقراسىغا ئېمبارگو يۈرگۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى.

1849301
رۇسىيە پىرېزىدېنت بايدىننىڭ ئايالى ۋە قىزىغا ئېمبارگو يۈرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 25 ئامېرىكا پۇقراسىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئامېرىكانىڭ رۇسىيە سىياسىي مۇتەخەسسىسلىرىگە ۋە جەمئىيەتكە خىزمەت قىلىۋاتقان كىشىلەرگە قارشى يۈرگۈزگەن ئېمبارگولارنى ئىزچىل ھالدا كېڭەيتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

بۇنىڭغا جاۋابەن، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 25 ئامېرىكا پۇقراسىغا مۇددەتسىز ۋىزا چەكلىمىسى قويۇلغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەن كىشىلەرنىڭ ئىسملىكىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، تىزىملىكتە رۇسىيەگە قارشى يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارغا مۇناسىۋەتلىك تەكلىپلەر سۇنغان «McFaul-Yermak» گۇرۇھىنىڭ ئەزالىرى، كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ۋە ئۇنىۋېرستېت ئوقۇتقۇچىلىرى بار بولۇپ، بۇلاردىن باشقا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ ئايالى ھەمدە قىزى ئاشلېي بايدىنمۇ بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر